داڭلىق فوتوگراف لۈ گۇاڭ رەسمىي قولغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز سادا
2018-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئالدىنقى ئايدا ئۈرۈمچىدىكى فوتوگرافلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان داڭلىق خىتاي فوتوگراف لۈ گۇاڭ يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي قولغا ئېلىنغان.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئۇچۇرنى لۈ گۇاڭنىڭ نيۇ-يوركتىكى ئايالى شۈ شياۋلى تىۋىتتېر ئارقىلىق تارقاتقان بولۇپ، قەشقەردىكى ساقچى دائىرىلىرى يولدىشىنىڭ رەسمىي تۇتۇلغانلىقىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا كونكرېت قانداق بىر جىنايەتنىڭ سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

شۈ شياۋلىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھازىرغا قەدەر يولدىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر سوتنىڭ ياكى باشقا ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز نۆۋەتتە ئادۋوكاتقا يولدىشىمنىڭ دېلوسىنى ئىشلىگەن خادىم بىلەن ئالاقە قىلىشنى ھاۋالە قىلىۋاتىمىز.»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، لۈ گۇاڭ نيۇ-يوركتا ياشايدىغان بولۇپ، بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم ئۇيغۇر دىيارىنى ساياھەتچى سۈپىتىدە زىيارەت قىلغان ۋە يەرلىك فوتوگرافلار بىلەن ئالاقە قىلغان. ئۇ داڭلىق فوتوگراف بولۇپ، ئۇنىڭ فوتو ئەسەرلىرى ئۈچ قېتىم دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ ئاساسلىقى مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي تېمىلاردىكى سۈرەتلەرنى تارتىش بىلەن نام چىقارغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت