لۇيىزا گرېۋ: «خىتاي رەقەملىك دىكتاتورىلىقنىڭ ئەڭ تىپىك مودېلى!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجۇنى «ئىراننى جازالاشقا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن قولغا ئالغاندىن كېيىن، يېقىندا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ پولشادىكى بىر قىسىم خىزمەتچىلىرىنىڭ جاسۇسلۇققا چېتىلىپ قالغانلىقى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىندى. بولۇپمۇ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ پولشادىكى جاسۇسلۇق قىلمىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنى ئاقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرزامان «باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھەقلىرىگە ۋە قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلگەنلىكى» نى تەكىتلىدى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تاشقى ئىشلار دىرېكتورى لۇيىزا گرېۋ خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس ماقالە يېزىپ، خىتاينىڭ ماھىيەتتە سىفىرلىق دىكتاتورىلىقنىڭ ئەڭ يېڭى ئۈلگىسىنى ياراتقانلىقىنى بايان قىلدى.

لۇيىزا خانىمنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ ھازىرقى رەقەملىك دىكتاتورىلىق سىستېمىسى ئاللىقاچان خىتاي دىپلوماتىيەسىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلىنىپ بولغان. ئۇ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جوش روگىندىن نەقىل ئېلىپ، بۇ ھالنى «چىچاڭشىش دىپلوماتىيەسى» دەپ جانلىق تەسۋىرلەيدۇ. شۇنىڭدەك بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا بىرەر ئايچە ئىلگىرى خىتاي مۇخبىرىنىڭ لوندوندىكى يىغىن مەيدانىنى مالىمان قىلغانلىقى ھەمدە يىغىن ئەھلىنى خىتايغا قارشى مەيداندا بولغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەپ خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان بىرەيلەننى بىر شاپىلاق ئۇرغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە تېڭشۈن شىركىتى ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولغان QQ، ئۈندىدار قاتارلىقلارغا ئورغاق-بولقا شەكىللىك تامغىلارنى چاپلىغان. بۇلاردىكى بارلىق يازما ۋە ئۇچۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان بولۇپ، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى باش شىركىتى ئالدىغا غايەت زور ئورغاق-بولقا ھەيكىلى ئورنىتىلغان، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئاستىغا «پارتىيەمىزگە ئەگىشىپ سودىڭىزنى باشلاڭ!» دېگەن شوئار يېزىلغان.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يوسۇندىكى مۇتلەق كونتروللۇق خاھىشى ئۆتمۈشتە زور پاجىئەلەرگە سەۋەب بولغان. بۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكىسى 1942-يىلى يەنئەندە باشلانغان «ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى» بولسا، كېيىنكىسى «ئون يىللىق ساراڭلىق» دەپ ئاتالغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرى بولغان. ئەمدى ئاشۇ مۇدھىش دەۋرنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش» بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقاندا ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ «ئەسەبىيلىك» كە باغلانغان ھالدا لاگېرلارغا قامىلىشىدا ئەكس ئەتمەكتە ئىكەن.

ئۇ «چەتئەل دىپلوماتىيەسى» دە ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى جازا لاگېرىغا ئاپىرىدىغان 48 خىل قىلمىش» نىڭ ئىچىدە مۇشۇ خىلدىكى رەقەملىك كونتروللۇققا ياتىدىغان تۈرلەرنى ئەسلەپ چىقىش ئارقىلىق نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ شەخسكە چوقۇنۇش ۋە «پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا بۇ خىل دىكتاتورىلىقنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ زور بولغان قاباھەتكە، جۈملىدىن نۇرغۇن كىشىنى «تىرىكلا يەۋېتىشكە» سەۋەب بولۇپ قېلىشىدىن ھەممىلا كىشىنىڭ ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت