خەلقئارا مەتبۇئاتلار لۈكچۈن ۋەقەسىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى

2013-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

27 - ئىيۇل كۈنى پىچاننىڭ لۈكچۈن بازىرىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋەقە ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھەممىسىدە كەڭ ئورۇن ئالدى. خەۋەرلەردە، خىتاي ئاخباراتلىرىدىن پەرقلىق ھالدا رايوننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ھەقتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ پىكىرلىرى بېرىلدى. بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «سەئۇدى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان باشماقالىدە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بەزى تەۋسىيەلەر بېرىلدى.

ماقالىگە «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى چوقۇم دىققەتكە ئېلىشى كېرەك» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خەلقئارادا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىىي تەسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا يارىشا مەسئۇلىيەتلىرىنىمۇ ئادا قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىشى كېرەك. رايوندا مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانداق ئىش بىجىرىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياخشى بىر باشلىنىش بولۇشى مۇمكىن» دېيىلگەن.

سەئۇدى گېزىتىدىكى باشماقالىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىل ئورگانلار تەكشۈرگەن ئەھۋاللارنى بىر دوكلات قىلىپ تەييارلىشى ۋە بۇنى ئېلان قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت