لۈكچۈندىكى خىتاي پۇقراسى: «26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى ھۆكۈمەتنىڭ زورلۇق بىلەن يەر ئىگىلىشى سەۋەبىدىن يۈز بەردى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى پىچان لۈكچۈن بازىرىدا 26-ئىيۇن كۈنى يۈز بەرگەن ساقچىخانا، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە قۇرۇلۇش ئورنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دەپ ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى دېمىگەن ئىدى.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 28-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە لۈكچۈندىكى ۋاڭ فامىلىلىك خىتاي پۇقراسىنىڭ شىننا بلوگىدا يازغان ئۇچۇرى نەقىل ئېلىنىپ،«26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسىنىڭ لۈكچۈندە داۋاملىشىۋاتقان مەجبۇرىي يەر ئىگىلەش ۋە زورلۇق بىلەن ئۆي چېقىشقا قارشى نارازىلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن» لىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئۆزىنى لۈكچۈن بازىرى 10 قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق پۇقرا دەپ ئېلان قىلغان ۋاڭ چياۋجۈن ئىسىملىك خىتاي پۇقراسى سىننا تورىدىكى بلوگىغا «دائىرىلەر ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەۋېتىدۇ، ئەمما ۋەقە يەر ئىگىلەشكە بولغان قارشىلىق سەۋەبىدىن يۈز بەردى. لۈكچۈندە مەجبۇرىي يەر ئىگىلەپ، زورلۇق بىلەن ئۆي چېقىش داۋاملاشماقتا. ھەر مىللەت ئاممىسى چىدىغۇسىز ھالەتكە يەتتى. لۈكچۈندە قۇرۇلۇۋاتقان ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى ۋە لۈكچۈن تارىخ-مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۇزۇن مۇددەت توختاپ قالغان ئىدى. بازارلىق ساقچىخانا، بازار باشقۇرۇش ئىشخانىسى ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئەترىدى بىرلىكتە بۇ رايوندىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى مەجبۇرىي چاقتى. ئۆي چېقىش رايونىدا 20 كۈنگىچە سۇ توختىتىلىپ قويۇلدى، ھەتتا سۇسىزلىق سەۋەبىدىن ئاپام 4 سائەت ھوشسىز يېتىپ قىلىپ، ئۇنى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان قوشنىلىرىمىز قۇتقۇزۇۋاپتۇ. ئەرز قىلساق ئاڭلايدىغان ئادەم چىقمىدى.» دەپ يازغان.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە ۋاڭ چياۋجۈن ئىسىملىك خىتاي پۇقراسىنىڭ بلوگى ۋە لۈكچۈن ۋەقەسى ھەققىدىكى رەسىملەر توردىن ئېلىۋېتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 26-ئىيۇن يۈز بەرگەن لۈكچۈندىكى ساقچىخانىغا ۋە قۇرۇلۇش ئورنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 35 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇردا ۋەقەدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 45 تىن كۆپ ئىكەنلىكى ھەمدە 70 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت