باش ئەلچى برانستاد : ئامېرىكا، ليۇ شاۋبوغا ھەرقانداق دۆلەتتە داۋالىنىش پۇرسىتى بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئامېرىكا باش ئەلچىسى تېرىي برانستاد بۈگۈن بېيجىڭدا ئاخباراتچىلارغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ ليۇ شاۋبوغا ھەرقانداق بىر جايدا يەنى ھەرقانداق بىر دۆلەتتە داۋالىنىش پۇرسىتى بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ يەنە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. 2010-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي ئۆكتىچى ليۇ شاۋبو تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىش ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

رويتىرىسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، باش ئەلچى سۆزىدە ليۇ شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەپ «قەلبىم ئۇلار بىلەن بىللە» دېگەن.

بۈگۈن باش ئەلچىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرغان خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇ كاڭ، «ليۇ شاۋبو جۇڭگونىڭ ۋەتەندىشى، جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان بۇ كىشى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ نېمە ئىشى ؟» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ ليۇ شاۋبو ھەققىدىكى بۈگۈنكى بىر ماقالىسىدە، خىتايدا مەھبۇسلارنىڭ چەتئەلدە داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلىش ئىشى بۇرۇنمۇ بولغانلىقى، ئەمما ليۇ شاۋبو قويۇپ بېرىلسە، ئۇ نوبېل ساھىبى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ شان-شۆھرىتىنىڭ ھەممىدىن بەك ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ۋە غەرب جامائەت پىكرىنىڭ خىتايغا قارشى ھۇجۇملىرىنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت