خىتاي ليۇ شاۋبونىڭ چەتئەلگە چىقىپ داۋالىنىشىنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-06-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى غەرب دىپلوماتلىرىغا تۈرمىدىكى خىتاي نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ چەتئەلگە چىقىپ داۋالىنىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

2008‏-يىلى خىتاينى فېدېراتسىيە ۋە كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈمگە كۆچۈشكە چاقىرىپ، قولغا ئېلىنغان ۋە 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ليۇ شاۋبو، تۈرمىدە جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغان ئىدى. ئۇنىڭ يېقىندا شېنياڭدىكى بىر دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ئاپىرىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن ئەدلىيە مىنىستىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدىكى دىپلوماتلىرىغا، ليۇ شاۋبونىڭ ئائىلىسىنىڭ داۋالاشتىن مەمنۇن ئىكەنلىكى، ئۇنى يۆتكىمەسلىككە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن خەۋەردە، غەربلىك دىپلوماتلار ليۇ شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىشىغا، قايسى دوختۇرخانىدا داۋالىنىشنى ئۆزى تاللىشىغا ۋە چەتئەللىك دوختۇرلارنىڭ داۋالىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بۇ تەلەپ خىتاي تەرەپنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ليۇ شاۋبونىڭ خىتايدا ئۈنۈملۈك داۋالاشقا ئېرىشەلمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان غەربلىك سىياسەتچى ۋە پائالىيەتچىلەر، ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ داۋالىنىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىسى تېرىي برانستاد، ئامېرىكا ليۇ شاۋبونىڭ باشقا ھەرقانداق دۆلەتكە بېرىپ داۋالىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى خىتاي دائىرىلىرىگە يولدىشىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ داۋالىنىشىنى ئېيتقان.

تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى تەيۋەننىڭ ليۇ شاۋبونى داۋالاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت