مالايسىيا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيفەتتىن ئابدۇللا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېتنىك كەمسىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سەيفەتتىن ئابدۇللا بۇ سۆزلەرنى مالايسىيادا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دائىر مۇنازىرە قوزغالغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار پارتلىغان مەزگىلدە قىلغان.

بۇ مۇنازىرە ۋە نامايىشلار خىتاي ھۆكۈمىتى 12‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكى» نى مالايسىياغا ئېلىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى كەڭ كۆلەملىك ئاقلاشقا كىرىشكەندىن كېيىنلا پارتلىغان. تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيفەتتىن ئابدۇللا ھۆكۈمەتنىڭ مالايسىيا «خەلقئارا ئىسلامىي چۈشەنچە ۋە مەدىنىدەت ئىنىستىتۇتى» نى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم ۋە تۇتقۇنلارغا دائىر بايانلارنى تەكشۈرۈشكە بۇيرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

سەيفەتتىن ئابدۇللا مالايسىيانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سوغۇققان پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مالايسىيا بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتلىرىغا قارا قويۇق ئىشەنمەيدۇ، شۇنداقلا ئۇنى ئوچۇق ئاشكارىمۇ تەنقىد قىلمايدۇ» دېگەن. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ، خورلاشقا ئۇچرىغانلىقىغا دائىر بايانلارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ بايانلارنىڭ ھەممىسىنى دەلىللىشىمزى كېرەك» دېگەن. لېكىن سەيفەتتىن ئابدۇللا بۇ بايانلارنى قانداق دەلىللەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا «كەسپىي تەربىيە» بېرىۋانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئانا تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىگەنلىكى، مىليونلىغلان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، تۇتقۇنلارنى خورلىغانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەر بار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت