مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى نامايىش قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئۆتكەن ھەپتە نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى ۋە خورلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

«بىنار خەۋەرلىرى» نىڭ 3‏2-دېكابىر ئاشكارىلىشىچە، مالايسىيانىڭ سېلانگور ئۆلكىسىدىكى كاجاڭ شەھىرىدە مۇسۇلمانلار نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇ نامايىش «شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكى» مالايسىيانىڭ سېلانگور ئۆلكىسىدىكى كاجاڭ شەھىرىگە كېلىپ ئويۇن قويغان كۆرگەزمە زالىنىڭ سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

«گۈزەل شىنجاڭ مەدەنىيەت كۆرىكى» ناملىق بۇ پائالىيەت مالايسىيادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەشكىللىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەت 7 كۈن داۋاملىشىپ، 22‏-دېكابىر كۈنى ئاخىرلاشقان ئىدى.

«بىنار خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مالايسىيا پېرلىس شتاتىنىڭ باش قازىسى مۇھەممەد ئاسرى بىن زەينۇل ئابىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشىغا قارىتا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ماللىرىغا بايقۇت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئۆتكەن جۈمە كۈنى «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا سۆز قىلىپ، «خىتاي ماللىرىغا بايقۇت ئېلان قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلار(خىتاي) بىزنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىمىزنى بىلىدۇ» دېگەن.

«بىنار خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتە يەنە ھىندونېزىيەدىكى ئاچېخ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى باندا ئاچېخ شەھىرىدە بىرەر يۈزدەك مۇسۇلمان ئامما نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. نامايىشچىلار «ئۇيغۇرلارنى قوغدايلى» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر قانچە يۈز نامايىشچى خىتاينىڭ جاكارتادىكى ئەلچىخانىسى ۋە شىمالىي سۇماترا ئۆلكىسىنىڭ مېدان شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. «جاكارتا پوچتىسى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشچىلار ئۇيغۇرلارنى خورلاشنى توختىتىشنى، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت