مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«مالايسىيا يەرلىكلەر ئىتتىپاقى» يەنى قىسقىچە ئاتىلىشى «بەرساتۇ» ناملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ ئومۇمىي كېڭەش ئەزاسى، ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى رائىس ھۇسسىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ۋە مالايسىيا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

دوكتور رائىس ھۇسسىن بۇ چاقىرىقىنى مالايسىيادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان «مالايسىياكىنى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قايتا تەربىيە لاگېرلىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە، خىتايدا مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە زىيالىيلارغا قانداق زەربە بېرىلگەن بولسا، ھازىرمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر زەربە نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەقىدىسى سەۋەبلىك تېررورچىدەك مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھازەل 2 مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئاياغلاشتۇرىدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

دوكتور رائىس ھۇسسىن سۆزىدە: «دۇنيا جامائەتچىلىكى ھازىرقى زامانىۋى دۇنيادا پەيدا بولغان ۋە ۋەھشىي ناتسىست لاگېرلىرىغا ئوخشايدىغان بۇ لاگېرلارغا قارشى دەس تۇرۇشى كېرەك. مالايسىيا ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان سىياسەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشى ئۈچۈن تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك» دەپ يازغان.

مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە مالايسىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋە بىر قىسىم پارتىيەلەرنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. ئۆتكەن ئاي مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيفىدىن ئابدۇللا «جەنۇبىي خىتاي سەھىرى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بىز ئەھۋالنى چۈشىنىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. شۇنداقلا بېيجىڭغا بىزنىڭ بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتىمىز» دېگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت