مالايسىيا ئىسلام مەسلىھەت كېڭىشى: «ئابدۇرەقىپ تۇنىيازنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مالايسىيادىكى بىر ئىسلامىي تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى موھدى ئازنى ئابدۇل ھامىد «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ ئابدۇنىيازنىڭ ئۆتكەن ھەپتە مالايسىيانى زىيارەت قىلغان چاغدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. «خەۋەر نىدا» ناملىق تورنىڭ مالايسىيا تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، موھدى ئازمى ئابدۇل ھامىد «ئۇيغۇر ئېتنىك گۇرۇپپىلىرى، ئۆزلىرىنىڭ قولغا ئېلىنمايۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىدا چەكلىمىسىز، ئەركىن ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمىگۈچە ئابدۇرەقىپنىڭ كونترول ئاستىدىكى بايانلىرىنى رەت قىلىمىز» دېگەن.

ئابدۇرەقىپ ئابدۇنىياز ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە مالايسىيانى زىيارەت قىلغان. كۇئالالومپۇردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، دىنىي ئېتىقادىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش، مەسچىتلەرنى كەڭ كۆلەملىك چېقىپ تاشلاشتەك قىلمىشلىرىنى ئاقلىغان.

ئابدۇرەقىپ ئابدۇنىياز، بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرنى «دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي يۈكسىلىشىگە ھەسەت ئوتلىرىدا قايناپ تاشقان بىر تۈركۈم ئىچى يامان دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە تارقاتقان بىر پاتمان يالغان-ياۋىداق گەپلىرى» دەپ تەرىپلىگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، موھدى ئازنى ئابدۇل ھامىد يەنە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرمۇ مۇسۇلمانلارغا قارىتا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، نۇرغۇن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار خىتايدىن قېچىش مەجبۇرىيىتىدە قېلىشتەك بۇ رېئاللىقنى ئىنكار قىلالمىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلمايۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولسا، ئۇ مۇستەقىل خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ رايوندىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىشىپ بېرىشىغا يول قويۇشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ يەنە مالايسىيا ھۆكۈمىتى ۋە تاراتقۇلىرى ھەم ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە جىددىي بولۇپ، خىتاينىڭ سۆزلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئىزچىل ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇئەييەن دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ خىتايغا تەنقىدى پىكىرلەردە بولۇپ كەلگەن. ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئالايىتەن ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، مالايسىياغا ئەۋەتكەن. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى يوقىتىشقا، نامراتلىقنى چۆرۈپ تاشلاش» قا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت