ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مالايسىيا سىياسىي ساھەسىدە زور غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مالايسىيا باش مىنىستىرى مۇھەممەد ماخاتىر ئۆتكەن ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دىكى كېڭەشتە ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ «ئىسلام دۇنياسى بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي بەك قۇدرەتلىك» دېگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى «خىتاي دۇنيانى لاگېردىكى مۇسۇلمانلار مەسىلىسىدە سۈكۈتكە چۆمدۈرمەكچى. ئۇلار ھازىر غەلىبە قىلماقتا» تېمىسىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى بەزى پىكرىنى ئاشكارىلىغانىدى.

ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم چەتئەل دىپلوماتلىرىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىگەندە مالايسىيادىن بىر دىپلوماتنىڭ بارلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: «قەشقەر ۋە خوتەن ئەرۋاھلار شەھىرىگە ئايلىنىپ قېلىپتۇ. تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىرايىدىن قورقۇنچ ۋە غەم-قايغۇ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بار بولسىمۇ ئەمما بۇ ھوقۇق ئۇيغۇرلارغا خاتا ۋە قانۇنسىز يوسۇندا ئىشلىتىلگەن» دېيىلىدۇ.

2-ئۆكتەبىر كۈنى مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ماقالىسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە «بۇ ماقالىدا ئاخبارات ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلار ئورۇن ئالغان. شۇنداقلا رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمىگەن. مالايشىيا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭقۇر دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت داۋام قىلماقتا» دېگەن.

خۇددى شۇ ۋاقىتتا مالايسىيادىكى ئەڭ چوڭ پۇقراۋىي ئىسلام تەشكىلاتلىرىدىن بولغان «مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى» بايانات ئېلان قىلىپ، مالايسىيا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بېيجىڭغا قاتتىق تۇرۇشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت