لاگېرلار مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان مالايسىيادا «شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكى» ئويۇن قويدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار قاتتىق مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان مالايسىيادا «شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكى» نىڭ ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

مالايسىيادا ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان شۇنداقلا 20 دەك مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ رەھبىرى مالايسىياغا توپلانغان مەزگىلدە خىتاينىڭ «شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكى» نى مالايسىياغا ئېلىپ چىقىشى دىققەت قوزغىدى.

تۈركىيە، قاتار، ئىران، مالايسىيا قاتارلىق 20 دەك مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ رەھبىرى 18‏-دېكابىر كۈنى دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كۇالا-لامپۇردا يىغىن ئۆتكۈزگەن. «شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكى» نىڭ دەل مۇشۇ مەزگىلدە مالايسىيادا ئويۇن قويۇشىنىڭ تاسادىپىيلىق ياكى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

يىغىننىڭ ھارپىسىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنىڭ بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ مالايسىيادىكى باش ئەلچىسى بەي تيەننىڭ مالايسىيا تاراتقۇلىرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، غەرب تاراتقۇلىرىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە «يېرىم يامىداق خەۋەرلەرنى تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلىشى شۇنداقلا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «ئەۋزەل سىياسىي‏-ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا ئېرىشىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈشى مالايسىيادا مۇنازىرە قوزغاپ، خىتاي باش ئەلچىسى قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

خىتايدىكى «جۇڭگو خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكى» بۇ سەپىرىدە مالايسىيانىڭ كۇئالا-لامپۇر، كۇئانتان قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە ئويۇن قويغان. بۇ جەرياندا 12 مۇقامنىڭ «جۇلاسى»، «مۇدەنخان»، «دولان مەشرىپى»، «تەخسە ئۇسسۇلى»، قازاقلارنىڭ «قىز قوۋار» قاتارلىق كلاسسىك سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، «شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھاياتقا بولغان قىزىقىشى ۋە ئىنتىلىشىشىنى ئىپادىلىگەن.» لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ پائالىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نى پەردازلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت