1945-يىلى مانجۇرىيەگە كىرگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ يۈزلىگەن جەسەتلىرى يېقىندا بايقالغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ۋە رۇسىيە ھەمكارلىقىدىكى بىر قىدىرىش ئۆمىكى خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىن 1945-يىلى مانجۇرىيەگە كىرگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ يۈزلىگەن جەسەتلىرىنى تاپقان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى 3 يېزىدىن دەسلەپكى قەدەمدە 413 نەپەر سوۋېت ئەسكىرىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

مەلۇمكى، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ بىر مىليون كىشىلىك ئەسكىرى يالتا كېلىشىمى بويىچە 1945-يىلى 9-ئاۋغۇستتا، يەنى ياپونىيە تەسلىم بولۇشتىن 6 كۈن بۇرۇن مانجۇرىيەگە كىرگەن. دەل شۇ مەزگىللەردە ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ خىرۇشىما ۋە ناگاساكى شەھەرلىرىگە 2 دانە ئاتوم بومبىسىنى تاشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە تەرەپ شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن 70 يىل بۇرۇنقى سوۋېت ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئەمدىلىكتە تېپىشى، رۇسىيە بىلەن بولىدىغان ھەربىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقى ئۈچۈن تارىخىي دەسمايە ھازىرلاش ئۈچۈندۇر، دەپ قارىماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 9-مايدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پاراتىغا ئەسكەر ئەۋەتىپ قاتناشتۇرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت