ماركو رۇبىيو مىليونلىغان لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-03-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو خىتايدا پەيدا بولغان ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا تارقىلىش مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى بايان قىلدى.

ماركو رۇبىيو 4-مارت كۈنى «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتى قامال قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «قولىمىزدا پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلىۋاتقان ئۇچۇردىن باشقا ئۇچۇر يوق بىر شارائىتتا، يىغىۋېلىش لاگېرىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت مەلۇماتلاردىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. خىتايدا يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالى يەنىمۇ خەتەرلىك. بىراق يۈز بېرىۋاتقانلار بىز ئۈچۈن تولىمۇ قاراڭغۇ» دېدى.

ماركو رۇبىيو سۆزىدە يەنە «مانا بۇ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىنسانىي ئەخلاقتىن قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ»، دېدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىليونلىغان لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش خەۋپى نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق ئورگان ھەم شەخسلەر ئەڭ دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇلار بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشنى ۋە بارلىق لاگېر تۇتقۇنلىرىنى دەرھال ئازاد قىلىشقا چاقىرماقتا. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت