سېناتور ماركو رۇبىيو: «بىز خىتاينىڭ مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى چوقۇم ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشىمىز كېرەك!»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.

ئۇ، 31-ئۆكتەبىر كۈنى «بىز خىتاينىڭ مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى چوقۇم ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشىمىز كېرەك» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېڭى دەۋر «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ئىچىدە جىنسىي ۋە جىسمانىي خورلاش، قېيىن-قىستاق ۋە روھىي ئىسكەنجە قاتارلىق تولىمۇ قورقۇنچلۇق ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ دۇنياغا كەڭ يوسۇندا ئاشكارىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. 

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھەرقانداق دىن، ھەرقانداق ئىدىيەنى دۈشمەن بىلىپ، ئۇنى يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىدىغان، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن مۇتلەق بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان تەبىئىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ھازىر ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان بۇ مۇئامىلىنىڭ ئاستا-ئاستا خىتايدىكى تۇڭگانلارغا، خىرىستىيانلارغا كېڭىيىۋاتقانلىقى بۇنىڭ مىسالى، دەپ كۆرسەتكەن. 

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى ھەممىنى خىتايلاشتۇرۇشتۇر. دىنى ۋە ئېتنىك ئاز سانلىقلارنى پارتىيەنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن، تار دائىرىلىك مەدەنىيەت، ئىدىيە ۋە مىللىي نورملارغا ئىگە كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. يەنىمۇ ئېغىرراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ بىر گېن ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى. مانا مۇشۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئاز پەرزەنت كۆرۈشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ۋە ئۆز مىللىتىدىن بولمىغانلار بىلەن ئۆيلىنىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ بېرەلەيدۇ.» 

سېناتور ماركو رۇبىيو ماقالىسى داۋامىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى يەنىمۇ جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە يەنە خەلقئارا جامائەتنى بۇنىڭغا كۆز يۇمۇپ تۇرۇۋالماسلىققا، دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى سىياسەتچىلەرنى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، بۇ رەزىللىككە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت