خىتاينىڭ «ماسكا دىپلوماتىيەسى» گە يوشۇرۇنغان پەسكەش قىلمىشلىرى كۆپلەپ ئاشكارا بولدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-04-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدە تاجسىمان ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان مىليونلىغان بىمارلارغا ۋە دوختۇرخانىلارغا ماسكا يېتىشمىگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ماسكا دىپلوماتىيىسى» ئارقىلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ماسكا تارقىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەسىرىنى سىڭدۈرۈش ئۇرۇنۇشىدا بولۇۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم بولدى. ئەمما بۇنىڭغا كۆپلىگەن پەسكەش قىلمىشلارنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ئارقىمۇ-ئارقىدىن مەلۇم بولماقتا.

خىتاي بىلەن يىللاردىن بۇيان «ئىناق قوشنىدارچىلىق» مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگەن پاكىستاندا تاجسىمان ۋىرۇسى يامرىغاندىن كېيى يېنىك سانائەت ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن ماسكا قەھەتچىلىكى كۆرۈلگەن. ئەنە شۇنداق ھالقىلىق پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتى «كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك دوستلۇقىنى يەتكۈزىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

«سودا ئۆلچەملىرى» گېزىتىنىڭ 5-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پاكىستانغا ماشىنا-ماشىنىلاپ خىتايدىن «ياردەم» ھېسابىدا يېتىپ كەلگەن ن95 ماسكىلار ھېچقانداق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلمەي ئۇدۇللا لاھور، كاراچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى دوختۇرخانىلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن. ئەمما دوختۇرلار بۇ ماسكىنى تاقىغاندىن كېيىن بۇ ئاتالمىش ن95 ماسكىلارنىڭ پۈتۈنلەي كالتە ئىشتاندىن ئۆزگەرتىپ تىكىلگەنلىكىنى بايقىغان. دوختۇرلار بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ: «خىتاي قاراپ تۇرۇپ بىزنى مۇشۇنداقمۇ كولدۇرلىتامدۇ؟» دېيىشكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى سۈپەتسىز تېببىي بۇيۇملىرى نېپال، ئىسپانىيە، گوللاندىيە، تۈركىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق جايلارغىمۇ غايەت زور مىقداردا ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە سىناق ئەسۋابلىرى، ماسكا، يۇقۇمدىن ساقلىنىش كىيىملىرى قاتارلىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆلچەمسىز ياكى لاياقەتسىز بولۇپ چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «نىجاتكار» لىق قالپىقىغا يوشۇرۇنغان ھەقىقىي غەرىزى ئۇلارنىڭ ئىتالىيە بىلەن بولغان ماسكا جېدىلىدە تېخىمۇ ئوچۇق ئىپادىلەنگەن.

«فوكس خەۋەرلىرى» نىڭ 7-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە دۇچ كەلگەن ئىتالىيەدە ماسكا قالمىغانلىقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا «ياردەم» ھېسابىدا بىر تۈركۈم ماسكا ۋە يۇقۇمدىن ساقلىنىشقا كېرەكلىك تېببىي بۇيۇملارنى سېتىپ بېرىشكە ماقۇل بولغان. ھالبۇكى ئىتالىيە تەرەپ مەزكۇر بۇيۇملارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بۇلارنىڭ ئەسلىدە بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى ئۆزلىرى خىتايدىكى ۋىرۇس بۆھرانىغا ياردەم ئۈچۈن ئەۋەتىپ بەرگەن بۇيۇملار ئىكەنلىكىنى بىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار خىتايغا بىكارغا بېرىۋەتكەن نەرسىلەرنى بۇ قېتىم پۇل تۆلەپ سېتىۋالغان. دەل خىتايدا ۋىرۇس يامراۋاتقان مەزگىلدە ئىتالىيە مۇشۇ غايەت زور تېببىي بۇيۇملارنى خىتايغا ماڭدۇرۇۋەتكەن بولغاچقا، ۋىرۇس ئىتالىيەگە تارقالغاندا تېببىي بۇيۇملارنىڭ كەمچىللىكىدىن ئىتالىيەدىكى 16 مىڭ كىشى بىھۇدە ئۆلۈپ كەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت