ئۇيغۇرلار «ماتەم كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان 1-ئۆكتەبىر كۈنىدە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-09-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 1-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ كۈننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا كىرگەنلىكىنىڭ 67 يىل بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ماتەم كۈنى ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن تۈرلۈك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 1949-يىلىدىن ئۇيغۇرلارغا ئېغىر بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ سىياسەتلىرىنى توختىتىپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بىلەن بالدۇرراق سۆھبەتكە ئولتۇرۇشقا چاقىردى.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قارمىقىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى «ماتەم كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن شۇ دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىش قىلىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە باشقا خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلەيدىكەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ سەمىگە سالىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت