چۇڭچىڭ شەھىرىدە تۇنجى قېتىم ماۋ زىدۇڭنىڭ ھەيكىلى يۆتكىۋېتىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چۇڭچىڭ شەھىرىدە 1968-يىلىدىن بۇيان قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان ماۋ زىدۇڭ ھەيكىلى جايىدىن يۆتكىۋېتىلدى. سەيشەنبە كۈنى چۇڭچىڭ دائىرىلىرى 3 توننا كېلىدىغان ماۋ ھەيكىلىنى قىزىل رەڭلىك ياپقۇچ بىلەن ئوراپ، ئۇنى چۇڭچىڭدىكى سانائەت مۇزېيىغا يۆتكەپ ئاپىرىۋەتكەن.

دوۋېي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ، چۇڭچىڭ شەھىرىدە تۇنجى قېتىم ماۋ زىدۇڭ ھەيكىلىنىڭ ئەسلى ئورنىدىن يۆتكىۋېتىلىشى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، شەھەر ئاممىسىمۇ بۇ تارىخى كۆرۈنۈشنى قىزىقىپ تاماشا قىلغان.

ماۋ زىدۇڭنىڭ خىتاي تارىخىدا ئوينىغان رولى تالاش-تارتىشتا بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ تەسىرى خىتايدا ھېلىھەم كۈچلۈك. ئۆتكەن دېكابىردا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ماۋ زىدۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن ئىدى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 2000 دىن ئارتۇق ماۋ زىدۇڭ ھەيكىلى بار ئىكەن. بۇلارنىڭ بىرى دەل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە. ئۇيغۇرلار مەزكۇر ھەيكەلنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي يۇرتى قەشقەردە تىكلىنىشىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت