مايك پومپېيو: «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ھەرىكىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەس، ئۆز پۇقرالىرىنى يوقىتىشتۇر»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 22‏-سېنتەبىر كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ب د ت بىناسىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مايك پومپېيو بۇ سۆزلەرنى يەكشەنبە كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا ئېيتقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ بېسىمىغا تېز پۈكمەسلىككە چاقىرىپ، «مەن شۇنى ئېنىق ئېيتىپ قويماقچى، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشى تېررورلۇق مەسىلىسى ئەمەس. ئۇنىڭ قىلمىشى ئۆز پۇقرالىرىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىدۇر. بىز بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى بېسىمىغا تىز پۈكمەسلىككە چاقىرىمىز» دېگەن. 

مايك پومپېيو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يۇقىرىقى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ب د ت نىڭ سەيشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان ئومۇمى يىغىنى ھارپىسىدا ئۇچراشقان ئىدى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كۆزەتكۈچىلەر ب د ت نىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كەسكىن تىركىشىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا ب د ت ئومۇمى يىغىنىنىڭ باشلىنىش ھارپىسىدا، يەنى دۈشەنبە كۈنى ب د ت دا بىر دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلغان. يىغىنغا پرېزىدېنېت ترامپ، مۇئاۋىن پرېزىدېنېت پەنس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررىس قاتارلىقلار قاتناشقان. يىغىندا تۈرمىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام سۆز قىلغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سۇللىۋان سەيشەنبە كۈنى ب د ت دا «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» ناملىق يەنە بىر يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت