خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارغا سىياسىي تۈس بەرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېپىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم قەدىمىي يادىكارلىقلارنى پەش قىلىپ، تارىخ تەشۋىقاتى قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11-دېكابىر كۈنى تارقاتقان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا تارقىتىلىۋاتقان «دۆلەت گۆھەرلىرى» ناملىق پروگراممىنىڭ ئىككىنچى پەسىللىك پروگراممىسىغا ئۇيغۇر ئېلىدىن بايقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان 3 پارچە بويۇم تاللىنىپ تونۇشتۇرۇلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ بىرى، 1995-يىلى نىيە قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن بايقالغان قەدىمىي توقۇلما بۇيۇملار، ئىككىنچىسى 1973-يىلى تۇرپان ئاستانىدىكى 206-نومۇرلۇق قەبرىدىن تېپىلغان خىتاينىڭ تاڭ دەۋرىگە ئائىت بولغان ياغاچ قورچاق، ئۈچىنچىسى تۇرپان ئېدىقۇت قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاي رىۋايەتلىرىدىكى ئايال ئىلاھ نۈۋانىڭ رەسىمى ئىكەن.

خەۋەردە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «تارىختىن بېرى خىتاينىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكى، بۇ يەردىكى «تارىخىي تېپىلمىلارنىڭ خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقى» دەك مەزمۇنلار تەشۋىق قىلىنغان.

ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى مەزكۇر خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان يۇقىرىقى ئۈچ ئاتالمىش ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىنىڭ مۇستەقىل ئىلمىي ئورۇنلارنىڭ تەتقىق قىلىپ بېكىتىشىدىن ئۆتمىگەن نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تارىخىي دەۋرى، ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سىياسىيدىن خالىي ئىلمىي يەكۈنى ھەققىدە خىتاي ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكى، بەلكى بۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى ئالاھىدىلىكلىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر شارائىتتا بۇ خەۋەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت