دوكتور راچېل ھاررىس: «شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى-خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنى بىلەن ئەدىب-زىيالىيلىرىغا زەربە بېرىشى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-01-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى، دوكتور راچېل ھاررىس خانىم «يەر شارى پوچتىسى» گېزىتىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەدىب ۋە سەنئەتكارلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلاتتى.

ئۇ «شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ نام بەرگەن ماقالىسىدە 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان سەنۇبەر تۇرسۇندەك ئەل سۆيگەن بىر ناخشىچىنىڭ لاگېرغا قامىلىشىنى رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق ئۆرنىكى دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ ماقالىسىدە سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن بولغان دوستلۇقى، ئۇنىڭ مول نەتىجىلەرگە تولغان كەسپىي ھاياتىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ، مۇشۇنداق داڭلىق بىر ناخشىچىنىڭ ھازىر بەلكىم «ئىنتايىن ناچار شارائىتلاردا، 60 تىن ئوشۇق كىشى سىغدۇرۇلغان كىچىككىنە كامېرلاردا بىللە تۇرۇۋاتقان بولۇشى، ئۇلار بىلەن نۆۋەتلىشىپ ئۇخلاۋاتقان بولۇشى» مۇمكىنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەندە تۇرۇپ خىتايچە ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتىشقا، خىتاي تىلى ۋە شى جىنپىڭ ئىدىيەلىرىنى ئۆگىنىشكە، ئۆز مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان، ھەتتا تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «دۇنيادىكى ئەڭ زوراۋان تېررورچىمۇ بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك» دېگەن. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، «سەنۇبەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇنى ئىنتايىن ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، شىنجاڭدىكى بۇ زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئاتالمىش ‹ئىسلامچى رادىكاللار› غا زەربە بېرىش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق» دېگەن.

ئۇ سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن بىرگە يەنە ئادىل مىجىت، رەشىدە داۋۇت، پەرىدە ھامۇت، زاھىر شاھ قاتارلىق ئاتاقلىق ئارتىسلارنىڭمۇ لاگېرغا قامالغانلىقىدىن قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە «ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ لاگېر خەۋپىدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدىپ-زىيالىيلار، سەنئەتكارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت باشلامچىلىرىغا مەقسەتلىك زەربە بېرىۋاتقانلىقى» نى كۆرۈپ يېتىشكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ چەتئەللەردە بەلگىلىك شان-شەرەپ قازانغان بىر ناخشىچىلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ مۇزىكىسىدىن ھۇزۇرلانغان ھەربىر كىشىنىڭ سەنۇبەرنىڭ داۋاسىنى قىلىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى ئۈچۈن بىر سەۋەب بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت