ئېلشات ھەسەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقىنى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ نەق ئۆزى!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن ھەرىكىتى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس سۈپىتىدە 19-ئىيۇل كۈنى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە دىنىي زاتلىرىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا يازغان كوللېكتىپ مەكتۇپىنى ئېلان قىلىپ، بۇ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرىنىڭ ئەيىبلەشلەرگە قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن 30-ئىيۇل كۈنى مالايسىيادىكى ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان ئەڭ چوڭ گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «بۈگۈنكى مالايسىيا» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ مەكتۇپنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ دېيىش مۇمكىن،» دېدى.

ئېلشات ھەسەن ئۆز مەكتۇپىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن تارتىپ ئىزچىل «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتەك سۇيىئىستېمالچىلىق قىلمىشىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ جايدا ئىسلام دىنى مەۋجۇت، ئەمما ھېچقانداق ئەسەبىيلىك ياكى تېررورلۇق ھادىسىلىرى مەۋجۇت بولغان ئەمەس،» دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەممىگە مەلۇملۇق زاتلاردىن نېيسىن سېيلىسنىڭمۇ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ تېررورلۇق ياكى ئەسەبىيلىك بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق» دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ ئۆز ماقالىسىدە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ «نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش، مەنبەسىنى كېسىپ تاشلاش» ھەققىدە جار سېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھازىر سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، دىن ۋە ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىدە كۆپلەپ ئاشكارا ئىجرا بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ بارچە ئىنسانىي ئىززەتتىن مەھرۇم ھالدا نەدىلىكىمۇ نامەلۇم ھالدا دىنغا قارشى تۇرۇش، كومپارتىيەنى ئىلاھلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ يۈزلەپ-مىڭلاپ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنىڭ «دىنىي خىتايچىلاشتۇرۇش» نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن جۇدا ھالدا «مېڭە يۇيۇش» نىڭ ئوبيېكتى قىلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەملىك بىر مەيدان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» غا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى خۇلاسە تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېلشات ھەسەن ئاخىرىدا شاھىتلارنىڭ بايانلىرى، جۈملىدىن ھايۋانلارچە قىيناشنىڭ مىڭلىغان ئۇسۇللىرىغا لىق تولغان لاگېرلار ھەققىدىكى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ماددىي ئىسپاتلارنى قىسقىچە بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش يەنە بىر قېتىم ئالدامچىلىق قىلىپ خەلقئارانىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت