ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەر رايونلىرىدىكى مەھەللە كومىتېتلىرى ئولتۇراق ئاھالىلەرنى كونترول قىلىشتىكى ئاساسلىق ئورۇنغا ئايلانغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-10-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ شەھەرلەردە بولسۇن ياكى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەردە بولسۇن، مەھەللە كومىتېتىنىڭ خىزمەت دائىرىسى پەقەتلا ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئولتۇراق ئاھالىلەرنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ۋە باشقا مەھەللىۋى مەمۇرىي ئىشلار بىلەن چەكلەنگەنلىكى مەلۇم.

ھالبۇكى، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەر رايونلىرىدىكى مەھەللە كومىتېتىنىڭ خىزمەت دائىرىسى بىلەن ھوقۇق كۈچىنى بارغانسېرى كېڭەيتكەن.

چېن چۈەنگو ئۇيغۇر دىيارىنى كونترول قىلغان بىر يىلدىن بۇيان، شەھەر رايونلىرىدىكى مەھەللەر كومىتېتلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئولتۇراق ئاھالىلەرنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى كۆزىتىش، ھەر بىر شەخس ۋە ئائىلىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك ياكى گۇمانلىقلىقىنى بېكىتىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئورگىنىغا ئايلانغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ يېقىندا رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، شەھەر رايونلىرىدىكى مەھەللە كومىتېتلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ساقچىخانىلار بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ھالدا ئىش ئېلىپ بارىدىكەن. ئولتۇراق ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىشى، چەتئەلگە چىقىپ تۇغقان يوقلىشى ياكى ساياھەتكە بېرىشى، ئۆي ئىجارىگە ئېلىشى ياكى ئىجارىگە بېرىشى، ئۆي سېتىۋېلىشى ياكى سېتىشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئالدى بىلەن مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشتىن باشلىنىدىكەن. مەھەللە كومىتېتىنىڭ تەستىقى، تامغىسى ياكى مەسئۇل كىشىنىڭ ئىمزاسى بولماي تۇرۇپ، ھەرقانداق بىر ئىلتىماس يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا ئەۋەتىلمەيدىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىغا قاراشلىق ھەرقايسى مەھەللە كومىتېتلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئولتۇراق ئاھالىلارغا 19-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى يەتكۈزۈش تەشۋىقاتىنى باشلىغان. 

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەھەللەر كومىتېتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ سىياسىي تەشۋىقات ۋەزىپىلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئولتۇراق ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ھاياتىنى كونترول قىلىشتا ئەڭ ئۈنۈملۈك يەرلىك ئورگانغا ئايلىنىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت