خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پاش قىلىنغان ئۇچۇر زور غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيەدىكى ئالتە ياشلىق بىر قىزچاق مىلاد بايرىمى ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى (22-دېكابىر) سوۋغات كارتىسى سېتىۋالغان بولۇپ، كارتا ئىچىدىن چىققان مەخپىي يازما ئۇچۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى.

بىر پارچە قەغەزگە قول بىلەن يېزىلغان بۇ ئىنگلىزچە ئۇچۇردا: «بىز شاڭخەيدىكى چىڭپۇ تۈرمىسىگە قامالغان چەتئەللىك مەھبۇسلار. بىز بۇ يەردە ئۆز ئىرادىمىزگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتىمىز. بىزگە ياردەم قىلىڭلار،» دېيىلگەن. ئۇنىڭدا بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن كىشىنىڭ بۇنى پېتېر خۇمفېرىي ئىسىملىك سابىق مۇخبىرغا يەتكۈزۈپ قويۇشى تەلەپ قىلىنغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 24-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پېتېر خۇمفرېي 2013-يىلى «قانۇنسىز ئۇچۇر توپلىغان» دېگەن جىنايەت بىلەن خىتايدا قولغا ئېلىنغان ۋە شاڭخەيدىكى چىڭپۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتىگەن ئىكەن. ئۇ بۇ ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىغا سۆز قىلىپ «بۇ يازما ئۇچۇر ئوراپ قويۇلغان مىلاد بايرىمى كارتىسىنى مەن ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان بىر ئىنسان سېتىۋاپتۇ. ئەمما مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەنلەرگە قاراپ شۇنداق دېيەلەيمەنكى، بۇ ئۇچۇردا ئېيتىلغان ئەھۋاللار ئەمەلىيەتكە ناھايىتى ئۇيغۇن كېلىدۇ،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مىلاد بايرىمى كارتىسىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش زەنجىرسىمان شىركىتى بولغان «تېسكو» شىركىتى خىتايدىن ئەكىرگەن ئىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر توغرىسىدا سۆز قىلىپ «بۇ بىر كومېدىيەلىك چاقچاق» دېگەن. ئەمما پېتېر خۇمفرېي «مەن بۇ ئۇچۇرنى پۈتۈنلەي راست دەپ قارايمەن،» دېگەن.

تولۇق بەت