2019‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا داۋاملىق ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پاختا مەھسۇلاتى رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق دەپ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە مەزكۇر رايوننىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشى ئۆتكەن يىلى داۋاملىق كۆپىيىپ، خىتاي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئاز كەم 85 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي پاختا توقۇمىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ لاگېرلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ لاگېردىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر، قازاق تۇتقۇنلىرىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرىدا ھەقسىز ياكى ئازراق ئىش ھەققى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەتئەل دۆلەتلىرىنى بۇ زاۋۇت-كارخانىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلماسلىققا چاقىرىپ كەلگەن ئىدى. 

ئامېرىكادىكى «خىتاي پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، خەلقئارا پاختا توقۇمىچىلىق تەمىنات زەنجىرىنى زەھەرلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2019‏-يىلى 5 مىليون توننىدىن ئارتۇق پاختا ئىشلەپچىقىرىلغان. بۇ شۇ يىلى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئومۇمى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 9. 84 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، خىتاينىڭ ئاساسلىق پاختا بازىسى بولۇشنى ساقلاپ قالغان. 

خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتېستىكا ئىدارىسىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، 2019‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 54. 2 مىليون گېكتار يەرگە پاختا تېرىلغان بولۇپ، بۇ شۇ يىلى خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىدىكى ئومۇمىي پاختىزارلىقلىرىنىڭ 76 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. 

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ2017‏-يىلى باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىدا لاگېرلارغا قامالغان نۇرغۇن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئائىلە پاختىزارلىقى تارتىۋېلىنىپ، خىتاي كۆچمەن پاختىكارلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇنىڭ بىلەن رايوندا كۆچمەن پاختىكارلارنىڭ ئىلكىدىكى زور كۆلەملىك پاختىزارلىقلار شەكىللەنگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا-ئىگىلىك نازارىتى شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، رايوندىكى بۇ پاختىزارلىقلارنىڭ 90 پىرسەنتىنىڭ ماشىنالاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت