ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى: «خىتاي ئىشلەپچىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە قۇللار ئەمگىكىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئىشلەپچىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۇيغۇرلاردىن قۇللار ئەمگىكى سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكادىكى «كاتولىك خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقى» نىڭ 2-ئاپرېل خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نادىنە مېنزا بۇ يىلنىڭ باشلىرى خىتايدا تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ پارتلىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنىڭ سانىمۇ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مەزكۇر ئاگېنتلىققا قىلغان سۆزىدە: «2020-يىلىنىڭ باشلىرى خىتايدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ پارتلىشىغا ئەگىشىپ زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە لاگېرلاردىن تىزىمغا ئالدۇرغان ياكى ‹ئوقۇش پۈتۈرگەن› ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدا زور دەرىجىدە ئېشىش ئەھۋالى كۆرۈلدى،» دېگەن.

نادىنە مېنزا بۇ سۆزلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى ياش ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىغا تۈركۈملەپ يۆتكەۋاتقان مەزگىلدە قىلدى. ئۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ئەگەر بۇ دوكلات توغرا بولسا، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت قۇللار ئەمگىكى ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،» دېگەن.

خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتىدا خىتاينىڭ لاگېر تۇتقۇنلىرىنى زاۋۇت-كارخانا، يېزا-ئىگىلىك مەيدانلىرىدا قانداق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 2-ئايدا كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن خىتاينى قاپلاپ، ھەر قايسى جايلار ئومۇميۈزلۈك كارانتىنغا ئېلىنغان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى كەڭ كۆلەملىك يۆتكەشكە باشلىغان. 2-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇنجى تۈركۈمدە خوتەندىن 171 ئۇيغۇر يۇقۇم رايونى بولغان چاڭشاغا يۆتكەلگەن ئىدى. نادىنە مېنزانىڭ تەكىتلىشىچە، «خىتاينىڭ بىر مىليون ئادەم جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان شىنجاڭدا ئاران 76 يۇقۇمدار بايقالدى، دەپ ئېلان قىلىشىغا ئىشەنمەك بەك مۈشكۈل» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت