ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-04-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنى ۋە باشقا ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن نامدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدلىرىگە دۇچ كەلمەكتە.

6-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر خانىم «ئالما»، «ئامازون» ۋە «گوگۇل» شىركەتلىرىگە ئوچۇق خەت يوللاپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولىدىغان سودا ئالاقىسىنى راۋۇرۇس ئويلىنىپ كۆرۈشكە چاقىردى. ئۇ مەكتۇپتا «چەتئەللەردە سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈپلۈك كىشىلىك ھوقۇق ۋە قىممەت قاراشلارنى ئۇنتۇماسلىق مەجبۇرىيىتى بار» دەپ كۆرسەتتى.

مەكتۇپتا يېقىندا ئېلان قىلىنغان «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق دوكلاتتىن نەقىل ئالغان ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە بەدىلىگە مېڭىۋاتقان زاۋۇت-فابرىكىلار كۆرسىتىپ بېرىلدى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئېزىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خەۋەردار ياكى ئەمەسلىكى سۈرۈشتە قىلىندى.

مەكتۇپقا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن جىم مەكگوۋېرىن، رەشىدە تايىب قاتارلىق بەش كىشى ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق ئىجابىي ھەرىكەت ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت