خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا مەجبۇرىي ئەمگەك دەپ تەنقىدلىنىۋاتقان سىياسەتلىرىنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، زامانىۋى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش» دەپ بازارغا سالماقتا.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 10-ئىيۇن كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئاپىرىلىپ، شۇ يەردىكى زاۋۇتلاردا ئەرزان باھالىق ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى، زامانىۋى تۇرمۇشقا ۋە پارلاق كەلگۈسىگە ئېرىشكەنلىكىنى» ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىقى مەدھىيەلەنگەن. بولۇپمۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆز خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن بارغان خىزمەتچىلەرنىڭ «ھالال تاماق» يېيىش ئادىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

خەۋەردە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭلىق خىزمەتچىلەرنىڭ نورمال خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جياڭسۇ، ئەنخۇي، گۇاڭدۇڭ ۋە باشقا جايلاردىكى نۇرغۇن كارخانىلار ئۇلارنى ياخشى تۇرالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كىرئالغۇ بىلەن تەمىنلىگەن، مۇخبىىرىمىز زاۋۇتلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھالال يېيىش ئادىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاشپەزلەرنىڭمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىگىلىدى.»

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان 3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى دىنى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە قىستايدىغان روھىي ۋە جىسمانىي ئىسكەنجىگە ئېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، لاگېر سىرتىدىمۇ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ھەرقانداق يوسۇندا ئىپادىلىنىشىنى «ئاشقۇنلۇق» دەپ قاراۋاتقانلىقى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە مىليونلىغان خىتاي كۆچمەننى يۆتكەپ، ئۇلارنى تەييار ئۆي ۋە يەر بىلەن تەمىنلىگەننىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى يېرى ۋە مال-مۈلكىدىن ئايرىپ، ئۇلارنى «زامانىۋى قۇل» لارغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا كۈچىيىۋاتقان تەنقىدلەرگە قارشى مانا مۇشۇنداق ساختا تەشۋىقاتلارنى كۆپلەپ بازارغا سېلىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت