ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىشى ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىدە مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-07-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندىن بۇيان داڭلىق خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ خىتايدىكى مال تەمىنلىگۈچى كارخانىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو 21-ئىيۇل «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ «ماسكا تاقامسىز؟ تەكشۈرۈشىمىزگە قارىغاندا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تالاش-تارتىش قوزغىغان ھۆكۈمەت پروگراممىسىدىن ئۇيغۇرلارنى قانداق مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىگە مۇنداق ئىنكاس يازغان: «كورونا ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان كرىزىس مەزگىلىدە، خىتاي ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى بىلەن بۇلغىدى. ‹نيۇ-يورك ۋاقتى› گېزىتى بىز ئىشلىتىۋاتقان ماسكىلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ماسكىلار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئارقىلىق، بىزنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جىنايىتىگە قانداق شېرىك بولغانلىقىمىزنى گەۋدىلەندۈردى. دۆلەت مەجلىسى، مەجلىس ئەزاسى جىف ماركلەي بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىغا قويغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› نى ماقۇللىشى كېرەك».

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جوش خاۋلېي مەجبۇرى ئەمگەكنى بىۋاسىتە قۇل ئەمگىكى دەپ ئاتىدى. ئۇ چەتئەلدە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان ئامېرىكا كارخانىلىرىنى قۇللۇق ئەمگىكىدىن خالى، يەنى، مەجبۇرى قۇللۇق ئەمگىكىگە تايانمىغانلىقى ۋە تايانمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىشكە چاقىردى.

ئامېرىكادىكى داڭلىق خىتاي تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئامېرىكانىڭ مەجبۇرى ئەمگەك سىياسىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئەلۋەتتە ئامېرىكانىڭ سىياسىتى مەجبۇرى ئەمگەككە قارشى تۇرىدۇ. ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئامېرىكانىڭ مەجبۇرى قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىشىدۇر».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت