خىتاي ھۆكۈمىتى مەردان غاپپار ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-08-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن ھەپتىدە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەڭ يەر ئالغان ئۇيغۇر مودېل يىگىت مەردان غاپپارنىڭ تۇتقۇن ھالىتىدىكى سىن كۆرۈنۈشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش پائالىيىتى ھەققىدە چوڭ بىر بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئىنكار قىلدى.

BBC ئاگېنتلىقىنىڭ 18-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا يازما ئىنكاس قايتۇرۇپ «‹جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈرمە ئەمگەك قانۇنى› نىڭ 37-ماددىسى بويىچە خەلق ھۆكۈمىتى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنى ماكانلاشتۇرىدۇ. بۇ جەرياندا مەردان غاپپار ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىش خاراكتېرىدىكى ھەددىدىن ئاشقان ھەركەتتە بولغاچقا ئ‍ۇنىڭغا ئاشۇنداق قانۇنىي تەدبىرلەر قوللىنىلغان،» دېيىلگەن. 

ئەمما مەردان غاپپارنىڭ گوللاندىيەدىكى تاغىسى ئابدۇلھەكىم غاپپار بۇنى رەت قىلىپ: «مەرداننىڭ فوشەن شەھرىدە ئۆيى بار. ئەگەر ئۇنى ماكانلاشتۇرسا نېمە ئۈچۈن فوشەن شەھرىگە ماكانلاشتۇرماي كۇچاغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئەيىبلەشلەرنى پۈتۈنلەي يالغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسىنى كۆرگەندىن كېيىن: «بۇنىڭدا ئۇلار مەردان دۇچ كەلگەن كۇچا ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى قەبىھلىككە ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن،» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت