مەسئۇت ئۆزىلنىڭ چەكلىنىشى يېڭىدىن دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-10-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلارنى ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كەسكىن تەنقىد قىلىشى خەلقئارادا زور داغدۇغا قوزغىغان ئىدى. ئۇ شۇ ۋاقىتتا خىتايدىكى مىليونلىغان مەستانىلىرىنىڭ ئۇنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىشىنى، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ خىتاي پۇتبول بازىرىدىكى ئورنىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 25-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلىشى، يەنە كېلىپ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تويىدا «قولداش» بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بېسىم قىلىشى خەلقئارانىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ھالبۇكى، مەسئۇت ئۆزىلنىڭ بۇ ھەققانىي ھەرىكىتى ئۈچۈن «ئۆچ ئېلىش نۆۋىتى» ئەمدى ئارسېنال كوماندىسىغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسىي تەنقىدى ئۈچۈن بۇ كوماندا 2021-يىلى فېۋرال ئېيىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا مەسئۇتنىڭ ھېچقانداق مۇسابىقىگە چۈشۈشىگە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. مەسئۇت ئۆزىنىڭ بۇ قاراردىن بەكمۇ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ھەقنى سۆزلىگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە مەسئۇت ئۆزىل «تېپىدىغان توپ يوق» ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم پۇتبول كوماندىلىرى ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتماقتا ئىكەن. بەزىلەر بولسا كېلەر يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى «ئارسېنال» كوماندىسى ئۇنى رەسمىي كوماندىدىن چىقىرىۋېتىشى مۇمكىن، دېيىشەكتە ئىكەن.

تولۇق بەت