ئارسېنالنىڭ سابىق دىرېكتورى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چاقىرىقىنى قوللىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگىلىيە ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ سابىق دىرېكتورى ئارسېن ۋەنگېر ئارسېنالنىڭ گېرمابنىيەلىك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پىكىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئارسېن ۋەنگېر 18‏-دېكابىر كۈنى قاتار پايتەختى دوخادا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، «مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ھەر كىشىگە ئوخشاشلا سۆز قىلىش ئەركىنلىكى بار. ئۇ ئۆزىنىڭ داڭقىنى ئىشلىتىپ، ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى. ئەلۋەتتە، ھەممە ئادەمنىڭ ئۇنىڭ قارىشىنى قوللاپ كېتىشى كېتىشى ناتايىن. لېكىن ئۇنىڭ ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىش ھوقۇقى بار» دېگەن. مەسۇت ئۆزىلنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنكى فېيسبۇك، تۋىتتېر، ئىنىستىگرام، خىتاينىڭ بەيدۇ قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزى دۇنيادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ «ساختا خەۋەرلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشى» غا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەسۇت ئۆزىل سۆزىدە: «شەرقىي تۈركىستاندا قۇرئاننىڭ كۆيدۈرۈلۈپ، مەسچىت ۋە مەدرىسىلەرنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى، دىنىي ئالىملارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئەركەكلەرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە خىتاي ئەركەكلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەركەكلىرىگە مەجبۇرىي ئۆيلەندۈرۈلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، لېكىن «ئۈممەتىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى» نى تەنقىدلىگەن. ئارسېنال كۇلۇبى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ سۆزىگە مۇساپە قويۇپ، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئۆزلىرىگە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئارسېنالغا «جىددىي تەسىرلىرى» نىڭ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

17‏-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئىنكاسىنى تەنقىدلەپ، كومپارتىيەنىڭ ئۆز تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە «مەسئۇت ئۆزىل ھەم ‹ئارسېنال›نىڭ نامىنى ‹قارا تىزىملىك› كە كىرگۈزۈپ قويالىشى مۇمكىنلىكى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى يېپىشقا ئىلاجسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئارسېن ۋەنگېر يەنە مەسۇت ئۆزىلنىڭ سۆزى ئارسېنالغا ئەمەس. ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «سىز ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي پىكىرىنى ئىپادىلىگەندە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى قوبۇل قىلدىڭىز دېمەكلىكتۇر» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت