گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلار لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەرگە ئىنكاس بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېرمانىيە، ئەنگلىيە ئەللەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ 24‏-نويابىر كۈنى ئاشكارىلانغان لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججىتىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رايوندا ئەركىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خەيكو مائاس 26‏-نويابىر كۈنى گېرمانىيە «سۇدېتېن زېيتۇڭ» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۈستىگە ئالغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر لاگېرلاردا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولسا، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا كۆز يۇمالمايدۇ» دېگەن.

ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 25‏-نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «لاگېرلاردا دەرھال ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى» غا يول قويۇشقا چاقىرغان. خەۋەردە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ چاقىرىقنى ئېلان قىلىشىغا خىتاينىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججىتى سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋە شىنجاڭدىكى باشقا ئېتنىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان مەدەنىيەت، دىنىي ئەركىنلىك جەھەتلەردىكى چېكىدىن ئاشقان چەكلىمىلىرىگە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ، رايوندىكى سىياسىي «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى تەنقىد قىلغان. ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ ئايال باياناتچىسى، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتنىڭ تەپسىلاتلىرىغا باھا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، لېكىن «سىياسىي قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەقىبلىنىشى ۋە مەدەنىيەت، دىنىي ئەركىنلىكلىرىنىڭ چەكلىنىشىگە قارشى ئىزچىل پىكرى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن. 24‏-نويابىر كۈنى ۋاشىنگتوندىكى «خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىقى بىرلەشمىسى» خىتاينىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى قانداق باشقۇرۇش ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلاپ، خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت