مايك پومپېيو: «جورج ئورۋېلنىڭ 1984 ناملىق كىتابىدىكى قۇرلار شىنجاڭدا رېئاللىققا ئايلاندى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 11-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ تېنىسى شتاتىنىڭ نەشۋىل شەھىرىدىكى بىر يىغىندا قىلغان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى جورج ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن تۈزۈمگە ئوخشىتىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر مۇسۇلماننى لاگېردا تۇتقۇن قىلىپ زوراۋانلىق قىلماقتا» دېگەن. 

ئۇ بۇ سۆزلەرنى نەشۋىل شەھىرىدە ئېچىلغان ئامېرىكا خرىستىئان كېڭەشلىرى بىرلىكىنىڭ يىغىنىدا قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە «شىنجاڭ رايونىدا جورج ئورۋېلنىڭ 1984 ناملىق كىتابىدىكى مەزمۇنلار رېئاللىققا ئايلانماقتا. مەن NBA نىڭ بۇنى ئېتىراپ قىلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم» دېگەن. 

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا NBA ۋاسكېتبول گۇرۇپپىسى خوڭكوڭ نامايىشىنى قوللىغان تۋىتتېر سۆزى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىن ئامېرىكادا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغالغان ۋە NBA نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مەشىق بازىسى بارلىقىدەك مەسىلىمۇ تەڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇنى تاقاش چاقىرىقلىرى قىلىنغان. 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە رول ئالغان ئورگان ۋە شىركەتلەرگە ۋە ئالاقىدار شەخسلەرگە قارىتا جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 10-ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇش» قا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت