ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى مىكويان بىلەن ماۋنىڭ سۆھبەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە ئائىت ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان بىر قىسىم ئارخىپ ماتېرىياللىرى قاتارىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ئاناستاس مىكوياننىڭ ستالىننىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە 1949-يىلى، 2-ئايدا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى جايلاشقان شى بەيپو دېگەن يەرگە مەخپىي رەۋىشتە بېرىپ، ماۋ زېدوڭ قاتارلىق خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن كەڭ دائىرىلىك سۆھبەتنىڭ خاتىرىسى ئورۇن ئالغان.

خىتاي تەرەپتىن ماۋ زېدوڭ، جۇ ئېنلەي، رېن بىشى، ليۇ شاۋچى، جۇدې قاتارلىقلار قاتناشقان مەزكۇر سۆھبەتتە قۇرۇلغۇسى خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك سىستېمىلىرى مەسىلىسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيىسى مۇھاكىمە قىلىنغاندىن تاشقىرى يەنە مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىمۇ ئورۇن ئالغان. بۇنىڭدا ئىچكى موڭغۇل ۋە تاشقى موڭغۇلىيە مەسىلىسىدىن باشقا يەنە مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارى مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. 1949-يىلى، 4-فېۋرال كۈنىدىكى سۆھبەتتە، مەخسۇس، «شىنجاڭ مەسىلىسى» مۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ماۋ زېدوڭ ئىلى رايونىدا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بارلىقى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، مىكويان ئۆزىنىڭ ئىلى رايونىدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھەرىكىتى بارلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا سىياسىتىگە قارشىلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان.

ئەمما مىكويان سۆزىدە «بىز شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللىمايمىز ۋە شىنجاڭنىڭ زېمىنىغا قارىتا ھېچقانداق تەمايىمىز يوق» دېگەن سۆزلەرنى قىلغان.ماۋ ئۆزىنىڭ گومىنداڭ گېنېرالى باي چوڭشىدىن 1945-يىلى، ئىلىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن زەمبىرەك، تانكا ۋە ئايروپىلانلار بىلەن قوللانغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقاندا، مىكويان: «مەن بۇ ئىشلارنى بىلمەيمەن ۋە بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېيەلمەيمەن، مەن پەقەت بىزنىڭ بۇ ھەرىكەتكە ياردەم بەرمىگەنلىكىمىزنىلا بىلىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ، يەنە ماۋغا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بېرىشنى ئېيتقان.

ئاناستاس مىكوياننىڭ ماۋ زېدوڭ قاتارلىق خىتاي كوممۇنىست رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيىسى شۇ يىلى 7-ئايدا ليۇ شاۋچىنىڭ موسكۋا زىيارىتىدە يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن بولۇپ، تۈركىيەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچى ئەركىم ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەتتە ستالىن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىنى بۇ ۋاقىتتا پىچىپ بولغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھەتتا خىتاي كومپارتىيىسىدىنمۇ ئۆزىنىڭ 1944-1946-يىللىرى ئارىسىدا مىللىي ئارمىيە ۋە ئىنقىلابقا ياردەم بەرگەنلىكىنى يوشۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت