خىتاي جىنايى ئىشلار مەسىلىلىرىنى مىللىي مەسىلىگە باغلىماسلىق ھەققىدە ھۆججەت چىقاردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2015-يىل يېڭى يىل ھارپىسىدا مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ، «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە باغلىنىشلىق جىنايى ئىشلارنى مىللىي مەسىلىگە باغلىماسلىق» نى تەلەپ قىلدى.

23-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جىڭخۇا ۋاقتى گېزىتى قاتارلىقلاردا ھۆججەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ئېلان قىلىندى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھۆججەتتە بارغانچە كۆپىيىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ كونكرېت سەۋەبىنى ئېنىقلاش،، مىللىي مەسىلىگە باغلىماسلىق، مىللەتلەر باراۋەرلىكى نۇقتىسىدا چىڭ تۇرۇش، مىللىي ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەشتە ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش،، قانۇن بويىچە دۆلەت باشقۇرۇش، مىللىي ئاپتونومىيىلىك قانۇننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» دېگەندەك نۇقتىلار تەكىتلەنگەن. خەۋەردە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھۆججەتنىڭ ئەسلى نامى «مەلۇم رايونلاردا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە تەدبىر» ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما ھۆججەتنىڭ قايسى رايون، قايسى مىللەتكە قارىتا چىقىرىلغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا 2014-يىلى خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن يىل دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ۋە دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خەۋەر قىلىشتا ئۇيغۇرلارنى مىللەت بويىچە يامان كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى خەۋەرلەرنى بېرىش ئەۋج ئالغانلىقى تەنقىدلەنگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت