خەۋەر قىلىنىشىچە، مىسىردا قازاغا ئۇچرىغان رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى پارتلاش ئاۋازىنى خاتىرىلىگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-11-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


فىرانسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ 6 - نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، مىسىردا قازاغا ئۇچرىغان رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى پارتلاش ئاۋازىنى خاتىرىلىگەن.

ئۆتكەن شەنبە كۈنى مىسىرنىڭ شارم ئەل شەيخ ئايروپورتىدىن رۇسىيەنىڭ سانكت پېتىربۇرگ شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان مېتروجەت 9268 - نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانى سىناي تەۋەسىدە چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 224 يولۇچىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئايروپىلانىڭ بومبا پارتلاش سەۋەبلىك چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە ۋە مىسىر دائىرىلىرى بۇنى قاراشنى دەلىللەشكە بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

فىرانسىيە 2 تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە ۋە مىسىر ئاۋىئاتسىيە مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقا بىر گۇرۇپپا تەكشۈرگۈچىلەر جۈمە كۈنى ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسى ۋە خاتىرىلىگۈچىنى تاپقان.

فىرانسىيە 2 تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە باشقا فىرانسىيە ئاخباراتلىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ساقلىغۇچتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىغانلىقى ۋە ئايروپىلاندا بومبا پارتلىغان دەپ دەلىللىگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشقان.

جۈمە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن مىسىرغا بارىدىغان بارلىق يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلغان.

ئۇنىڭ بۇ قارارى رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلاننىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلەر تېخىمۇ كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.

4 - نويابىر ئەنگلىيە دائىرىلىرى مىسىرنىڭ شارم ئەل شەيخ ئايروپورتىدىن ئەنگلىيە قاراپ ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنى توختاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت