مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى خەلقنى ئومۇمىي نارازىلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-08-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت مۇھەممەت مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى باستۇرۇشقا قارىماي، داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىسىر ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ مۇرسىچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ھازىرغىچە 500 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. لېكىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۆلگەنلەرنىڭ 2200 دىن ئاشىدىغانلىقى ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار قوللىغۇچىلىرىنى پەيشەنبە كۈنى قاھىرەدىكى ئەل - ئىمان مەسچىتىگە يىغىلىپ، «ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش» كە چاقىردى.

پرېزىدېنت ئوباما پەيشەنبە كۈنى مىسىردىكى زوراۋانلىقنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكا - مىسىر ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرنى بىكار قىلدى. ئۇ، پۇقرالار ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى چاقىرتىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن.

لېكىن، تۈركىيە ھازىرغا قەدەر مىسىردىكى باستۇرۇشنى ئەڭ قاتتىق تەنقىد قىلغان دۆلەت. تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان باستۇرۇشنى «ئىنتايىن ئېغىر قىرغىنچىلىق» دېگەن ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئارىلىشىشقا چاقىرغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ناۋى پىللاي، خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بىراق، مىسىر باش مىنىستىرى ھۆكۈمەتنىڭ مۇرسى تەرەپدارلىرىنى باستۇرغانلىقىنى ئاقلاپ: ھەرىكەت قوللىنىشتىن باشقا چارىمىز يوق، دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت