ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىرغا قورال ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-08-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن ھەپتە مىسىردا يۈز بەرگەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىر ھۆكۈمىتىگە قورال ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 21-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى نەچچە سائەتلىك مۇزاكىرىدىن كېيىن قارار ماقۇللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىسىرغا ھەربىي قورال ئېكسپورت قىلىشىنى توختىتىشنى قارار قىلغان، ئەمما يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مىسىرغا بېرىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە مەسئۇل خادىم بۇ قېتىمقى قارار ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتە كۆڭۈل بۆلىدىغىنى مىسىر خەلقىنىڭ ۋەزىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت