مىسىردىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-07-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چارشەنبە كۈنى ئاخشام مىسىر ئارمىيىسى ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ئاز كەم بىر يىلدىن بېرى مىسىر پرېزىدېنتى بولۇپ تۇرۇۋاتقان مۇھەممەد مۇرسىنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، ۋەقە دۇنيادا زور ئىنكاس قوزغىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ۋەقەدىن چوڭقۇر ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ مىسىر ئارمىيىسىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دېموكراتىك يوللار ئارقىلىق سايلام ئۆتكۈزۈشكە ۋە ھۆكۈمەتنى يېڭى لىدىرغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.

ب د ت باش سېكرېتارى بان كىمۇن مىسىردا ھاكىمىيەتنىڭ دەرھال خەلققە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ مىسىردىكى ئوخشىمىغان تەرەپلەرنى دېموكراتىك سايلامدا ئۇچرىشىشقا دەۋەت قىلدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىسىردىكى ۋەقەنى دېموكراتىيىگە خىلاپ بىر ھادىسە، دەپ ئەيىبلىدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر مىسىردىكى بۇ كرىزىسنىڭ چوڭقۇرلىشىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ۋەقە، مىسىردىكى ئىسلامچى كۈچلەرنى سايلامغا ئەمەس، بەلكى قورالنىڭ كۈچىگە تايىنىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت