مىسىردا ھەربىيلەر بىلەن مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەر 54 كە يېتىپ باردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-07-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مىسىر ھەربىي كۈچلىرى بىلەن پرېزىدېنت مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇش كۈچىيىپ، دۈشەنبە كۈنى ئاز دېگەندە 54 ئادەم ئۆلگەن.

ئۆلگەنلەرنىڭ 51 نەپىرى نامايىشچى، 3 نەپىرى مىسىر بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ خادىمى بولۇپ، ھەربىيلەر، جۇمھۇرىيەت قوغدىغۇچى قىسىملىرىنىڭ قارارگاھى ئالدىغا توپلىنىپ، مۇرسىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان.

بىراق، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى قورال ئىشلىتىش بىلەن تەنقىد قىلدى. ھەربىي تەرەپ ئەسكەرلەرنى ئاقلاپ، نامايىشچى ئامما ئارىسىدىكى قوراللىق تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ شۇلارغا ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بولسا، ھەربىي تەرەپنىڭ قورالسىز نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شۇ كۈنى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى خەلقنى مىسىر ئارمىيىسىگە زورلۇق كۈچ بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىپ، ھەربىيلەرنىڭ مىسىرنى ئىچكى ئۇرۇشقا ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ چاقىرىقى دەرھال ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئاقساراي باياناتچىسى جېي كارنىي، مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئاشكارا زوراۋانلىققا چاقىرىق قىلغانلىقىنى تەنقىدلەپ، ئامېرىكىنىڭ مىسىر ئارمىيىسىگە بېرىدىغان ياردىمىنى كەسمەيدىغانلىقىنى، پرېزىدېنت مۇرسىنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش ياكى ئەمەسلىكىگە ئالدىراپ قارار بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت