پۈتۈن مىسىر مىقياسىدا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-08-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مىسىر ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى پۈتۈن مىسىر مىقياسىدا بىر ئايلىق ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر ھەربىي ھالەت سابىق مىسىر پرېزىدېنتى مۇھەممەد مورسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن يولغا قويۇلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت مىسىردا يۈرگۈزۈلگەن باستۇرۇشتا 95 ئۆلگەن. بەزى ئاخباراتلاردا ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ 149غا يېتىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
مىسىرنىڭ سابىق پرېزىدېنتى مۇھەممەد مورسى ۋەزىپىسىدىن مەجبۇرىي قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، مورسىنى قوللىغۇچىلار نامايىش قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نامايىش ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان مىسىرنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ھەر خىل شەكىلدە داۋام قىلماقتا ئىدى.

چارشەنبە كۈنى مىسىرنىڭ ھەربىي ۋە ساقچى دائىرىلىرى بىلىكتە نامايىشچىلارنىڭ چېدىرلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. مەزكۇر ھۇجۇم دۇنيا خاراكتېرلىك نارازىلىق قوزغىغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاقساراي دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مەزكۇر باستۇرۇشنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە بۇ خىلدىكى باستۇرۇشلارنىڭ مىسىردا تىنچلىق ئورنىتىشنى تېخىمۇ قېيىنلاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت