رانىيە ئەل مەلكىي: «مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى فىرئەۋننى ئەسلەتتى!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-07-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مىسىردا قانۇنلۇق يوسۇندا ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۆي بېسىپ قولغا ئېلىنىشى ھەمدە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتايغا قايتۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقى ئەرەب دۇنياسىدىمۇ تېگىشلىك ئىنكاس قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.

«ئوتتۇرا شەرق كۆزى» تور ژۇرنىلىنىڭ ئوبزورچىسى رانىيە ئەل مەلكىينىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالىسى ئەنە شۇ خىلدىكى ئىنكاسلارنىڭ بىرىدۇر.

رانىيە ماقالىسىنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان، «قۇرئان» دىكى قىسسەلەردىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئاللانىڭ بۇيرۇقى بىلەن مىسىرغا بارغانلىقىنى ھەمدە مىسىرنىڭ شۇ زاماندىكى ھۆكۈمدارى بولغان فىرئەۋننىڭ قولىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان بەنى ئىسرائىل قوۋمىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن باشلايدۇ. شۇنداقلا فىرئەۋننىڭ مۇمىياسىنى بۈگۈنكى كۈندە قاھىرەدىكى مۇزېيدا بىر ئامېرىكا دوللىرىغا بېلەت ئېلىپ كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەچ، «ھازىرقى كۈندە مۇسا ئەلەيھىسسالام ھايات بولغان بولسا، فىرئەۋندىن بەنى ئىسرائىل قوۋمىنىلا ئەمەس، يەنە مىڭلىغان مۇسۇلمانلار، خرىستىئانلار ھەمدە خىتايدىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تىلىۋالغان بولاتتى» دەپ يازىدۇ.
ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىپ، بۇ قېتىمقى قولغا ئېلىش ھەمدە قولغا ئېلىنغانلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەرىكىتىنىڭ مىسىر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك شەرتنامىلىرىنىڭ روھىغا بىنائەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا مۇشۇ يوسۇندا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئېغىر قىسمەتلەرگە يولۇققانلىقىنى ئەسلىتىپ «مىسىردەك يەرلىك ۋە خەلقئارا قانۇنلارنى ئاشكارا پايخان قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مەملىكەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بىخەتەرلىك كېلىشىملىرىنى شۇنچە بەجانىدىللىق بىلەن ئىجرا قىلىشى تولىمۇ كۈلكىلىك» دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشىنى فىرئەۋننىڭ ئەينى ۋاقىتتا قىلغانلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، «دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزە» نىڭ بىرى بولغان پىرامىدانى بەرپا قىلغان شۇنچە قۇدرەتلىك فىرئەۋننىڭ كېيىنكى ھالاكىتىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك مىسىر رەھبەرلىرىنى ئۆز دۆلىتىدە يۈز بەرگەن ئاشۇ ئىلاھىي ساۋاقنى ئۇنتۇماسلىققا چاقىرىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت