ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ۋە نوپۇزغا ئىگە بولغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارىخى بويىچە تۇنجى قېتىم بىر خىتايغا بېرىلگەن. «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» تور بېتىدىكى خەۋەردىن قارىغاندا، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە ياۋ چياڭنى تەيىنلەش قارارىنى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس يىغىن ئارقىلىق جاكارلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ باشلىقلىقىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار تەيىنلىنىپ كېلىنگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى بۇ ئۆزگىرىش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇلاھىزە قىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ۋەقەلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ياۋ چياڭ 2019-يىلى 2-ئايدا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دا خىزمەتكە چۈشكەن بولۇپ، خەۋەردە ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بېرىلمىگەن. خەۋەردە ئۇنى مۇدىرلىققا ئۆستۈرۈش قارارى «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىلەن مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدىكى قايتا-قايتا پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەم كېڭىشىشنىڭ نەتىجىسى» دېيىلگەن ۋە «بۇ قارار. . . كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىكىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى» دەپ تەرىپلەنگەن.
«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ۋە ئوقۇتۇش سېپىدىكى بىرقىسىم ئۇيغۇر رەھبەرلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىردەك تۇتقۇن قىلىنغان. ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تاشپولات تېيىپ، مەرھۇم ئابدۇكېرىم راھمان، راھىلە داۋۇت، زۇلپىقار بارات قاتارلىق 15 ئەتراپىدا رەھبىرىي ۋە ئىلمىي خادىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ھەم بۇلاردىن بىرنەچچىسىنىڭ كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. ھەتتا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» مۇدىرى تاشپولات تېيىپنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئارقىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىق ئۇچۇرىمۇ ئوتتۇرىغا چىققانىدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنغان كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى تا ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. مەسىلەن، پروفېسسور باتۇر ئەيسا، ئابدۇرېھىم ماھمۇت، نۇربىيە يادىكار، نەبىجان ھەبىبۇللا، ئاسىيە مۇھەممەدسالىھ، ئابدۇسالام ئابلىمىت قاتارلىقلار تا ھازىرغىچە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دىنلا ئىز-دېرىكى مەلۇم بولمايۋاتقان ئىلمىي خادىملارنىڭ بىر قىسمىدۇر.