ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئاتالمىش «جۇڭگۇلۇق مۇھاجىر» لارنىڭ پەرزەنتلىرى يازلىق لاگېرغا تەكلىپ قىلىنغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن، ئۆزىنى «جۇڭگولۇق مۇھاجىر» دەپ ھېسابلايدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، 2017-يىللىق خىتاينى ساياھەت قىلىش پائالىيىتىگە تەشكىللىگەن.

خەۋەردە دېيلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پائالىيەتنى «جۇڭگودىكى يىلتىزىنى ئىزدەش يازلىق لاگېر ساياھىتى» دەپ ئاتىغان.

پاكىستان، قازاقىستان، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان ئاتالمىش «جۇڭگولۇق مۇھاجىر» لارنىڭ 64 نەپەر پەرزەنتى بۇ قېتىملىق يازلىق لاگېر ساياھەت پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار بۇ جەرياندا خىتاي تىلى ئۆگىنىش، خىتاي خەتتاتلىقى بىلەن تونۇشۇش ھەمدە خىتاي ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن 21-ئىيۇل كۈنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۇلارنى كۈتىۋېلىپ، ئۇلاردىن «سىنجاڭدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى چەتئەللەردە ياخشى تەشۋىق قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، 2006-يىلىدىن بۇيان خىتاي دۆلەت كابېنتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق مۇھاجىرلار ئىشخانىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار ئىشخانىسى بىرلىكتە جەمئىي 9 قېتىم «چەتئەللەردىكى شىنجاڭلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭگودىكى يىلتىزىنى ئىزدەش يازلىق لاگېر ساياھىتى» ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن. بۇ جەرياندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىي 360 نەپەر ياش-ئۆسمۈرنىڭ بۇ پائالىيەتكە جەلپ قىلىنغانلىقى مەلۇم

خىتاي مەنبەلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، چەتئەللەردە تەخمىنەن بىر مىليۇن ئەتراپىدا ئاتالمىش «شىنجاڭلىق جۇڭگو مۇھاجىرلىرى» بار بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۆزىگە سادىق بولۇپ كەلگەن بىر قىسىم كىشىلەرنى «ھەقسىز ساياھەت» كە تەكلىپ قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت