ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلارغا قاراتقان خىزمەتنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-04-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىپ ياشاۋاتقان مۇھاجىرلار خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە كىرىشتى.

بۇ خىل خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن غۇلجىغا كەلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋان ئەبەي باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك 31-مارت كۈنى ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى ۋە خىتايلار بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغان.

«ئىلى ئۇچۇر تورى»دىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، رىزۋان ئەبەي سۆزىدە «مۇھاجىرلارغا قارىتا سىياسىي جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈش، ھېسسىيات جەھەتتە دوستلۇق ئورنىتىش، مەدەنىيەت جەھەتتە تەسىر كۆرسىتىش، ئىقتىساد جەھەتتە يۆلەش، دىنى ئېتىقاد جەھەتتە ھۆرمەت قىلىش» دەپ كۆرسەتمە بەرگەن ۋە ئۇ مۇھاجىرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل خىزمەتلەرنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى»نى كۆرسەتكەن.

ئۇ يەنە چەتئەللەرگە قارىتا ئۇيغۇر رايونىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ،: «شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى كۆرسىتىش كېرەك» دېگەن.

مەلۇمكى، ئىلى ئوبلاستىنى ئوز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاساسلىقى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئوزبېكىستان قاتارلىق ئەللەردە ئەسلى 1955-1962-يىللىرى ئارىسىدا ۋە 1991-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەتكەن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر ئاھالىسى ياشايدۇ. نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلار يەنە ئوتتۇرا شەرق ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ ياشىماقتا. دائىرىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار، قازاق ۋە باشقىلاردىن «جۇڭگو مۇھاجىرلار» ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەپ، خىتاينى زىيارەت قىلدۇرۇش ۋە چەتئەللەردە «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» قۇرۇش، چەتئەللەرگە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى ئەۋەتىپ كونسېرت قويۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئىجابىي جەھەتتىن تەشۋىق قىلماقتا. ئەمما، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، بۇ پائالىيەتلەرنى «ساختىلىق» دەپ تەنقىد قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت