«مۇھاپىزەتچى» گېزىتى: «سۈكۈت قىلىش ئۆلگەنلىكتۇر»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-11-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

9-نويابىر كۈنى ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە ئېۋىرت ھوبىس (Everett Hobbs) ئىمزاسىدا «سۈكۈت قىلىش ئۆلگەنلىكتۇر» ناملىق بىر مەكتۇب ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر مەكتۇبتا ئۆتكەن ئەسىردە گېرمانىيە ناتسىست ھۆكۈمىتىنىڭ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تارىختىكى ئەڭ چوڭ جىنايەت دەپ كۆرسىتىلگەن ۋە مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا دەل ئاشۇنداق جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ. ئەمما دۇنيا بۇ جىنايەتكە يەنە بىر قېتىم سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ.

ھېچقانداق دۆلەت ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانمايۋاتىدۇ، بەلكى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىساد، سودا ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. رەزىللىككە، جىنايەتكە سۈكۈت قىلىش ئۇنى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتچىنى قوللىغانلىقتۇر؛ ئەگەر شۇنداق قىلساق، بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن ئەتە يەنە بىر ئاجىز خەلقنىڭ بېشىغا كېلىشى مۇمكىن، بىز مارتىن نىموللېرنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى يەنە بىر ئاڭلاپ باقايلى: ‹ئۇلار سوتسىيالىزىمچىلارنى تۇتقىلى كەلدى، مەن گەپ قىلمىدىم، چۈنكى مەن سوتسىيالىزىمچى ئەمەس ئىدىم؛ ئاندىن ئۇلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىنى تۇتقىلى كەلدى، بۇنىڭغىمۇ گەپ قىلمىدىم، چۈنكى مەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى ئەمەس ئىدىم؛ ئاندىن ئۇلار يەھۇدىيلارنى تۇتقىلى كەلدى، مەن يەنە گەپ قىلمىدىم، چۈنكى مەن يەھۇدىي ئەمەس ئىدىم؛ ئاندىن ئۇلار مېنى تۇتقىلى كەلدى، بۇ چاغدا مەن ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان ھېچكىم قالمىدى.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت