«مۇكەممەل ئۇيغۇر» مۇ خىتايدىكى لاگېردىن ئامان قالمىغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-07-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» نامىدا كۆپلەپ ئېچىلغان لاگېرلار توغرىسىدا سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتلىرى ھەرقاچان ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ قۇربانلىرى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە مۇشۇ خىل ‍ئىدىيەلەرنى بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىش ئۈچۈن مۇشۇ خىل تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ئاچقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. ئەمما تۈركىيەدىكى دىلاراغا ئوخشاش يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كەچمىشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارا كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 21-ئىيۇلدىكى سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى «مۇكەممەل ئۇيغۇر» لاردىن سانىلىدىغان ئائىلىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان دىلارانىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ بۇ قېتىمقى لاگېر مەھكۇملۇقىدىن ئامان قالمىغان. دىلارانىڭ ئاتا-ئانىسى بىردەك خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان ھەمدە ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىدارىدە يۇقىرى لاۋازىمدا ئىشلەۋاتقان كىشىلەر ئىكەن. دىلارامۇ كىچىكىدىنلا ئۈرۈمچىدىكى تولىمۇ قىممەت سانىلىدىغان ئاۋات خىتايچە مەھەللىدە چوڭ بولغان. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇ خىتايچىنى خىتايلاردىنمۇ ياخشى سۆزلەيدىغان، ھېچقاچان ياغلىق چەگمەيدىغان، ھاراق-پىۋا دېگەنلەرنىمۇ ئانچە-مۇنچە ئىچىپ قويىدىغان، يەنە كېلىپ پات-پاتلا خىتاي دوستلىرى بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان ئۇيغۇر قىزى سۈپىتىدە ياشلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ 2015-يىلى ئېرىگە ئەگىشىپ تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئاپىسى قىزىنى يوقلاپ تۈركىيەگە كەلگەن ھەمدە بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 2018-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتقان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئاپىسىنىڭ پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنغان ھەمدە «ئۆگىنىش» كە ئېلىپ كېتىلگەن. ئەنە شۇ خىلدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلاردا قانداق روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە يىللاردىن بۇيان مەلۇم بولۇۋاتقان كۆپلىگەن ئۇچۇرلار دىلارانى كېچە-كۈندۈز قىيناشقا باشلىغان. ئۇنىڭ بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغان، شۇنداقلا ھېچقانداق «تەربيەلەش» كە ھاجىتى بولمىغان ئوقۇتقۇچىلار، دوكتورلار، ئادۋوكاتلار دېگەندەك سانسىزلىغان ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسمى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يەنىلا ئەركىنلىككە چىقالمىغانلىقى ھەممىدىنمۇ بەك دىلارانى بىئارام قىلغان. ئۇنىڭ ئاپىسىمۇ بىر يىلدەك لاگېرغا قامالغاندىن كېيىن «ئۆيىگە قايتقان». ئەمما ئۇ ئاپىسى بىلەن بولغان ئۈندىدار ئالاقىسى جەريانىدا ئۇنىڭ داۋاملىق ھەر دۈشەنبە كۈنى «بايراق چىقىرىش مۇراسىمى» غا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن مومىسىنىڭ ئۆيىگە بىر يوچۇن خىتاينىڭ «تۇغقان» بولۇپ كۆچۈپ كىرگەنلىكىنى، مومىسىنىڭ ھەر كۈنى بۇ خىتاينى ئۇ چۈشەنمەيدىغان ئۇيغۇرچە تىلدا تىللايدىغانلىقىنى ئاڭلىغان.

دىلارا ۋە ۋە ئۇنىڭ ئېرى تۈركىيەدىكى بىر خىتاي سودا شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ شىركەت ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە «بىز جۇڭگونى سۆيىمىز. بىز قانداقتۇر تېررورچى ياكى قەبىھ ئىنسانلار ئەمەس» دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر يوللىغان. ئەمما بۇ ھال ھېچنەرسىنى ئۆزگەرتەلمىگەن: ئاپىسىنىڭ بايراق چىقىرىشقا قاتنىشىشى، لاگېردا ئون كىلوگرام ئورۇقلاپ كېتىشى، پاسپورتىنىڭ مۇسادىرىدىن قايتۇرۇلماسلىقى دېگەنلەر داۋام قىلىۋەرگەن. ئەمما ئۇنىڭ خىتاي دوستلىرى بۇ ئىشلاردىن قىلچىمۇ خەۋەرسىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا پەقەتلا ئىشەنمىگەن. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇ ئۆزىنىڭ 19 ياش ۋاقتىدا، يەنى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شاڭخەي شەھىرىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە قونۇش ئۈچۈن ياتاق ئالماقچى بولغاندا تۆت مېھمانخانىدا بىردەك «شىنجاڭلىقلارغا ياتاق بېرەلمەيمىز» دېگەن سۆزنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا جىنايەتچى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە بەكلا بۇرۇن باشلىنىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت