ئىلھام رەھىم: «مەن ئۇيغۇر، ئەمما مەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايمەن!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-09-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئەنە شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار دىيارىدا تۇرۇشلۇق خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى «سېرىق ئالتۇن» 8-ئەترىتىنىڭ ئەسكىرى ئىلھام رەھىمنىڭ ئوچۇق خېتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلماسلىققا ۋاسىتىلىك ھالدا چاقىرىق قىلىش بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.

خىتاينىڭ «يەر شارىغا نەزەر»، «كومسوموللار مەركىزى»، «سوخۇ تورى» قاتارلىق تورلىرىدا كۆپلەپ ھەمبەھىرلەنگەن بۇ ئوچۇق خەتتە ئىلھام رەھىم ئۆزىنىڭ دىنىي كەيپىيات ئانچە قويۇق بولمىغان بىر دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ ياش ۋاقىتلىرىدا ھېچقاچان مەسچىتكە بېرىپ باقمىغانلىقىنى، پەقەت ياشانغان مەزگىللەردىلا ئاندىن جامائەتنىڭ زورى بىلەن مەسچىتكە بېرىشنى باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ، «دېمەك، ئۇيغۇر دېگەنلىك ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈنلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىم شەرت ئەمەس» دەيدۇ.

مەزكۇر ئوچۇق خەتنىڭ ئاخىرىدا ئىلھام ئۆزىنىڭ ئائىلە شارائىتىنىڭ تەسىرىدە «قۇرئان»دىن بىرەر بەتمۇ ئوقۇپ باقمىغانلىقىنى، بىرەر قېتىممۇ ناماز ئوقۇپ باقمىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر بولغانلىقىنىڭ تەسىرى بىلەن ھازىر مۇسۇلمان بولۇپ قالمىغانلىقىنى ئېيتىپ، «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەندە پارتىيەگە سادىق بىر يۈرەك بار. قەلبىم پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە بولغان مىننەتدارلىققا تولغان» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆزىگە ئەگىشىپ ئەسەبىي ئىدىيەلەردىن چەك-چېگرا ئاجرىتىشقا چاقىرىق قىلىدۇ ۋە: «مەن ئۇيغۇر، ئەمما مەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايمەن!» دەيدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ بۇنى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان دىنسىزلاشتۇرۇش تەربىيىسىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى. ئۇلار مۇشۇنداق بىر ساختا ئۈلگە ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز كىملىكىدىن تېنىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە» دېيىشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت