مۇرات ناسىروف 10 يىلدىن كېيىنمۇ رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-01-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى ۋە كومپوزىتورى مۇرات ناسىروف ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇنىڭ ئىجادىي ھاياتىنى ئەسلەش ۋە خاتىرىلەش مەزمۇنىدىكى ماقالىلەر ۋە ئىنكاسلار كۆپلەپ پەيدا بولدى.

مۇرات ناسىروف 2007-يىلى، 19-يانۋار كۈنى موسكۋادا ئوز ئويىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ، 38 يېشىدا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن رۇسىيە ۋە باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى مەتبۇئاتلىرىنى مۇرات ناسىروفنىڭ ئىجادىي ھاياتى، قىسمەت-تەقدىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆلۈم سىرلىرى ھەققىدە زور ساندىكى ماقالىلار، ئىنكاس-تەھلىللەر قاپلىغان ئىدى. مۇرات ناسىروف تېمىسى ئۇ ۋاپات بولۇپ بىر قانچە يىلغىچە ئوز ئاكتىپلىقىنى يوقاتمىغان.

بۇ يىل، ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ سۈرەتلىرى، ھايات تەقدىرى ۋە ئىجادى مېۋىسى قايتىدىن رۇسىيەدىكى بىر قىسىم داڭلىق گېزىتلەر ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئورۇن ئالدى.

موسكۋادا چىقىدىغان مۇھىم ئاخبارات ۋاسىتىسى «كومسومول ھەقىقىتى» گېزىتى مۇرات ناسىروفقا مەخسۇس ئورۇن ئاجراتقان بولۇپ، مەزكۇر گېزىت مۇخبىرى كارلىگاش نۇرالىيېۋا مۇراتنىڭ ئانىسى قاتارلىق يېقىنلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ھەققىدە ئۇزۇن بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ئاپتور ماقالىسىدە «بۇ ئون يىلدا مۇرات ناسىروفنىڭ ئولۈمىنىڭ نەق سەۋەبى يەنىلا ئېنىقلانماي قالدى» دەپ سوز باشلاپ، مەزكۇر ئۇيغۇر ناخشىچىسىنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە بېسىپ ئۆتكەن ئىجادىي مۇساپىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان شۇنىڭدەك ئەسلىدە مۇرات ناسىروفنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا مەشھۇر «ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسى»گە قاتنىشىش ئۈمىدى بىلەن «رومېيو-جۇلىتا»ناملىق ناخشىسىنى تەييارلىغانلىقىنى بايان قىلغان.

رۇسىيەنىڭ ئاتاقلىق تور گېزىتلىرىدىن «دنى»،«كوسموپولىتان»،«لايف»، «ئوئانېۋس» ۋە باشقا تاراتقۇلاردا مۇرات ناسىروف ئىجادىي ھاياتى ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەخسۇس ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.

«ئوئانېۋس» تورىدىكى مەخسۇس ماقالىدە «مەشھۇر رۇسىيە ناخشىچىسى مۇرات ناسىروف بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى ھاياتتىن ئايرىلدى، بىراق ئۇنىڭ ئۆلۈم سىرى ھازىرغىچە نامەلۇم قالماقتا. 2007-يىلى 20-يانۋار كېچىسى ناخشىچى ئۆزىنىڭ موسكۋادىكى ئويىنىڭ دېرىزىسىدىن يىقىلىپ چۈشتى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ھازىرغىچە بۇنىڭ نېمىشقا شۇنداق بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشماقتا» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1969-يىلى ئالمۇتادا ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن مۇرات ناسىروف 1995-2007-يىللىرى ئارىسىدا پۈتۈن رۇسىيە ۋە باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدا ئاتاقلىق ناخشا چولپىنى سۈپىتىدە تونۇلغان ئىجادكار ئىدى. ئۇ ھاياتىدا بەش ناخشا ئالبومى نەشر قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبومى-«قالدىم يالغۇز» موسكۋادا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان ئىدى. مۇرات ناسىروفنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت